مېنىڭ كۆرۈمسىز ئايالىم 94-قىسىم

كۆرۈمسىز ئايالىم
(خەيرىگۈل ئۆمەر)
ئايالىمنىڭ دوستى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى، بۇ ھالەتتىكى ئۆزۈمگە ئۆچ ئىدىم، لېكىن ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايۋاتاتتىم. ئەمما ئاپام ئايالىمنىڭ دوستىنى ياقتۇرمىغاندەك قىلاتتى.
_ ئۇ قىز ماڭا ياقمىدى، ياش ئەر-ئايالنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قونغىنى نېمىسى، كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى..قانداقلا ئويلىسام ياخشى قىزدەك قىلمايدۇ..
_ ئاپا، ئۇ خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ، شۇڭا كەلدى..ياخشى يامانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتىمۇ..
_ سەن ئاياللارنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسىگە سەل قاراپ قاپسەن..بۇ قىز چىرايلىق بولغان بىلەن كۆزلىرىدىن بىرخىل شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىكەن..خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەمدەك كۆرۈنمەيدىكەن..
_ ھاھا، ئاپا بۇنى بەك ئاشۇرىۋەتتىڭ..ئۇنچە ئەمەس.. مەن قارىسام ئۇ كىچىك بالىلاردەكلا تۇرىدۇ..ھەممە گەپنى قىزىقىپ ئاڭلاپ، ھەممىمىزگە قىزىقىپ قاراپ..
_ مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە كىنودىن باشقا نەرسىدە خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم..بۇ قىز قانداقسىگە بۇنداق بوپ قالىدۇ..تازا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ..
_ مېڭىسى سىلكىسە شۇنداق بولىدىكەن، دوختۇر مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ دەپتۇ...
_ سەن ئۇنىڭغا ئائىت ئىشنى ھەجەپ بىلىدىكەنسەن ھە..
_ ئۇ..ئۇ خىزمەتدىشىمنىڭ قىز دوستى، ئەھۋالىنى دەپ تۇرىدۇ شۇڭا بىلىمەن..
_ ئۇ قىز چىرايلىقكەن، ئايالى بار ئەركىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرسا بولمايدۇ..ئۇنىڭ قانداق كېسىلى بولىشى بىلەن كارىم يوق، نورمال ئايالكىشى بولسا سىلەرنىڭكىدە تۇرمايدۇ..ئوغۇل دوستىمۇ كالۋامۇ نېمە..نېمىشقا ياش چىرايلىق قىز بالىنى ئەركىشى بار ئۆيگە ئەكەپ قويىدۇ..
_ ئاپا، ئارتۇق ئويلىما، ئۇ بىر كېسەل قىز..
_ مېنىڭ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشتى دېمە، ئايالىڭ شۇنچىلىك ياخشى ئايالكەن..چىرايلىق قىزلارغا قاراپ ئايالىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ قويمىغىن..
ئاپامنىڭ گەپلىرىگە ھەيران ئىدىم. ئۇ بەزى ئىشلارنى ھېس قىلىپ قالغاندەك قىلاتتى.
_ ئاپا، بۇ نېمە دېگىنىڭ، مەن ئايالىمغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ باقمىدىم..
_ بەزى ئەرلەر ئايالى چىرايلىق بولمىسىلا تالاغا قارىسام بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ..ئايالىڭنىڭ گۈزەللىكى چىرايىدا ئەمەس، ھەربىر ئىش ھەركىتىدە، پاك دىلىدا..ئۇ ماڭا بەك ياخشى تەسىر بەردى، ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ قويمىسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن..
_ نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسەن؟ مە..مەن ساڭا ئايالىمغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغاندەك كۆرۈمدۈمما؟
_ ئاۋۇ قىزغا دېقەت قىلدىم، سەن قاياققا ئۆتسەڭ قاراپ تۇردى..ساڭا قاراشلىرى باشقىچە..ماڭا ئۇ قىز نىيىتى دۇرۇستەك كۆرۈنمىدى..شۇڭا دەۋاتىمەن..بولمىسا سەن بۇ نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا مەن بىلەن تۇر..
_ ھاھا..ئاپا، بەك قىزىق گەپ قىلىدىكەنسەن..مېنىڭ ئۆيۈم چوڭ، ئۇ ئىككىمىز ئۇچرىشىپ قالمايمىز..
_ شۇنداقمۇ؟ قارىسام تۈنۈگۈن ئۇنى يۆلەپ قويدۇڭ..مەن ئېنىق كۆردۈم..
بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم، ئاپامنىڭ ھەممە ئىشقا دېقەت قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.
_ ھە..م..مەن ئۇنى سوقىۋەتتىم، شۇڭا يۆلەپ قويدۇم.ئۇ ھاسسا تاياق بىلەن يىقىلىپتۇ..
_ ئايالىڭ بار تۇرۇپ باشقا قىزنى يۆلىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى..
_ ئاپا، ئايالىم ئۆيىدە ئۇخلاۋاتسا ئۇنى ئويغىتامدىم؟ ئۇ قىزنىڭ پۇتى يارىلانغان تۇرسا..
_ ئۇ مەن سېنى چاقىرغان ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ زالغا چىقتى..مەقسىتى نېمە بىلمىدىم..
_ ئاپا، ماشىنا كەلدى، باشقا ئىشنى ئويلىماي دوختۇرخانىغا بېرىپ ياخشى داۋالانغىن..
تاكسىنىڭ ئارقىسىدا ئاپام بىلەن ئولتۇردۇم. نېمىشقىدۇر ئاپامنىڭ چىرايىغا قارىيالمايۋاتاتتىم. ئاپام ئاغرىق ۋاقتىدىمۇ ھەممە ئىشقا دېقەت قىلغانىدى. مېنى كۆزىتىدىغان كۆزدىن يەنە بىرى كۆپەيگەندەك قىلاتتى.
ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن شىركەتكە قايتىپ كەلدىم. ئىشخانىغا ئادەم يوق ئىدى. دەرىزە ئالدىغا كېلىپ پەسكە قارىغىنىمچە خىيالغا پېتىپ كەتتىم. ئاپامنىڭ بايىقى گېپىنى ئويلاۋاتاتتىم.
_ مەن سېنى چاقىرغان ھامان ئورنىدىن تۇردى، نېمە مەقسىتى بارلىقىنى بىلەلمىدىم..
ئاپامنىڭ گېپىدىن قارىغاندا ئايالىمنىڭ دوستى مەقسەتلىك ماڭا يېقىنلاشقاندەك قىلاتتى.
_ ئەجەبا ئۇنىڭ خاتىرىسىنى يوقاتقىنى يالغانمىدۇ؟! ئۇ مېنى دەپ قەستەن مۇشۇ ئۆيگە كەلگەنمىدۇ؟!  ياق ياق..بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇ خىزمەتدىشىمنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتى، ئايالىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆيۈنىشىگە ئېرىشتى، ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ بېشىنىڭ يارىلانغىنى راست تۇرسا، بۇ مۇمكىن ئەمەس،_ دەرىزە ئەينىكىدىكى ئۆزۈمگە قاراپ قويدۇم،_ ئۇ بەلكى مېنىڭ كېلىشكەن تۇرقۇمغا يەنە بىر قېتىم ئاشىق بوپ قالغاندۇ..
دەرىزىنى يېپىپ ئالدىمدا تۇرغان قېيىن ئاكامنى كۆردۈم.
_ خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ كېتىپسەنغۇ،_ دېدى ئۇ ئالدىمغا كېلىپ.
_ قارىسام سىلەر يوقكەنسىلەر، شۇ..شۇڭا بىردەم تۇرۇپ ھاۋالىنىۋالدىم..
_ ئاپاڭ دوختۇرخانىغا قايتتىمۇ؟
_ ھەئە، بۈگۈن ئاپىرىپ قويدۇم، دوختۇرخانىدىن ئۇدۇل شىركەتكە كېلىشىم..
_ سىڭلىمنىڭ دوستىنىڭ ئەھۋالى قانداقكەن؟
_ ھە..م..مەن دېقەت قىلمىدىم..ئۇلار پاراڭلاشقاندا مەن ھۇجرىدا ئولتۇردۇم..
_ ھاھا..جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭنى قارا..مۇنداقلا سوراپ قويدۇم،_ قېيىن ئاكام مۆرەمگە ئۇرۇپ قويدى.
_ بەلكى ئۇمۇ ئۇزۇن تۇرماس ئاكا..ئەنسىرىمە مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرىمەن..
_ بولىدۇ، ساڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي..لېكىن شاگىرتىمغا دەپ قويدۇم..ئەتە ئۇنى ئەپ كېتىدىغان بولدى..ئۇ سىلەرنىڭكىدە ئۇزۇن تۇرسا بولمايدۇ..مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن..
_ ياخشى قىپسەن ئاكا، ئۇ ئەسلىمۇ كېتىشى كېرەكتى..
قېيىن ئاكام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شاگىرتى يېنىمغا كەلدى.
_ نېمانداق يالغۇز تۇرۇپ كەتتىڭ؟
_ ھېچنېمە..بايا ئاكام يېنىمدىتى، پاراڭلىشىپ تۇرغان..
_ بۈگۈن ئىش كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ، ئۇ ماڭا مالغا چىق دېمىدىغۇ..
_ شۇ..ماڭىمۇ دېمىدى..گەپ قىلىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى..
_ قىز دوستۇم بىلەن تېلىڧونلاشتىم، ئۇنىڭ كەيپىياتى بەك ياخشىكەن..زادى ئايالىڭنىڭ يېنىغا كەلسىلا كەيپىياتى ئېچىلىپ قالىدۇ..
_ ئاداش، بۇنى دەپ ئۇنى داۋاملىق تۇرسۇن دېمەيدىغانسەن..
_ ئىككى كۈن ئارتۇق تۇرسۇن ئاداش، بولامدۇ؟
_ ئاداش، ئىككى ئايالنىڭ ئارىسىدا مەن ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىكەنمەن..ئۇنداق قىلما..
_ تازلىق ئۆيۈڭلار ئىككىغۇ..ئۆيۈڭ چوڭغۇ، يېقىن تۇرمىساڭلا بولمىدىمۇ..
_ قىزىققۇ سەن، ئادەتتە قىز دوستۇمنى ياخشى كۆرىمەن دەپ بەك سۆزلەيسەن، بۇنداق ۋاقىتتا كۈنلەپمۇ قويمىغىنىڭ نېمىسى..
_ چۈنكى سەن بىلەن ئايالىڭنىڭ ئادىمىيلىكىگە ئىشىنىمەن..شۇڭا خاتىرجەم يولغا سالدىم..
_ لېكىن بۇ..
_ بولدىلا ئاداش،_ خىزمەتدىشىم مۆرەمنى تۇتتى،_ يېقىندىن بېرى ئاچامنىڭ ئەھۋالى سەن ناچار، شۇڭا قىز دوستۇمنىڭ يېنىغا بارالمىدىم، مېنى توغرا چۈشەن..بۇ ماڭا ياردەم قىلغىنىڭ ئاداش..
_ چۈشەندىم، كەچۈر..سەۋەبىنى بىلمەيلا سەندىن رەنجىپ كېتىپتىمەن..
_ مەنمۇ قىز دوستۇمنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىشىنى خالىمايمەن، لېكىن سەن بىلەن ئايالىڭ ئوخشىمايسىلەر..سەن ئۇنداق ناچار ئادەم ئەمەس، يەنە كېلىپ سېنىڭ ئۆيۈڭ چوڭ، ئەپسىز ئۇچرىشىپ قالىدىغان ئىشمۇ يوق..كۈندۈزى ئىشلەپ كەچتە ئۇدۇل كىرىپ ئۇخلايسە..شۇڭا..
_ بولدى چۈشەندۈرمە، مەن توغرا چۈشەندىم..ئىشىڭنى قىلىۋەر ئاداش..
خىزمەتدىشىم ھەر قېتىم ماڭا ئىشىنىدىغىنىنى دېگەندە يۈرىكىم قارت قىلاتتى. چۈنكى ئۇنى ئالداۋاتقان ئادەم دەل مەن ئىدىم.
خىزمەتنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئايالىمنىڭ دوستى مېھمانخانىدا ئولتۇراتتى.
_ ئايالىم قېنى؟ سىز يالغۇز ئولتۇرۇپسىزغۇ؟!_ دېدىم ئۇنىڭغا يىراقتىن قاراپ.
_ گاز قالماپتىكەن، ئۇ قاچىلىغىلى چىقىپ كەتتى..
_ شۇنداقمۇ؟ چۈشەندىم،_ ھۇجرىغا كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ مېڭىشىم بىلەن ئۇ يەنە گەپ قىلدى.
_ خاپا بولماي يېنىمدا ئولتۇرۇشۇپ بەرسىڭىز، مەن قورقىدىكەنمەن..
_ ھە؟ بۇ ئۆينىڭ قورققۇدەك نېمىسى بار؟ تېخى ئۇنچە كەچ بولۇپ كەتكىنى يوققۇ..
_ بىلمەيمەن، يارىلانغاندىن كېيىن شۇنداق قورقۇنچاق بوپ قالدىم..بايىدىن بېرىمۇ قورقۇپ ئاران ئولتۇردۇم..ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرسىڭىز بولامدۇ؟
ئىككىلىنىپ جايىمدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم، ۋىجدانىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىققا ئۈندىسە، ھەۋىسىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئۈندەيتتى. ئاخىرى يەنە ھەۋىسىمگە ئۇتتۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم.
_ بولىدۇ، ئايالىم كىرگۈچە ئولتۇرۇشۇپ بېرەي..
ئايالىمنىڭ دوستى ماڭا تىكىلىپ قاراشقا باشلىدى.
_ ئايالىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىسىز..
_ ئۇ دېگەن ئايالىم تۇرسا، بۇ قانداق گەپ ئەمدى..
_ لېكىن چىرايىڭلار ماس كەلمىگەندەك ھېس قىلدىم..
_ بۇ قانداق گەپ؟ باشقىلارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولىۋېتىپ مۇشۇنداق گەپ قىلامسىز؟
_ مەن راست گەپ قىلدىم، ئايالىڭىز كۆرۈمسىزكەن، لېكىن سىز كېلىشكەنكەنسىز..
مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ماختاشلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ھازىرقى ئۇ مېنى بىر ئاز قورقىتىۋاتاتتى.
_ سىز ئايالىمنىڭ دوستىغۇ، بۇنداق گەپ قىلسىڭىز بولامدۇ؟
_ مەنمۇ بىلمەيمەن، ئۇ ئىزچىل مېنى ئۆزىنىڭ دوستى دېدى، بۇ راستمۇ بىلمەيمەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىۋاتىمەن..نۇرغۇن ئىشلارنى مەن ئەسلىيەلمىدىم..
_ ئۇ سىزنى داۋالايمەن دەپ كۈچەۋاتىدۇ..شۇڭا بۇنداق گەپ قىلماڭ..ئۇ چىرايلىق ياكى سەت بولسۇن، سىزگە كۆيۈنىۋاتىدۇ..مېنىڭچە بۇ..
ئايالىمنىڭ دوستى ئۈستەلدىكى قولىنى سۈرۈپ قولۇمنى تۇتتى.
_ بۇ..بۇ نېمە قىلغىنىڭىز،_ دېدىم قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ.
_ ھاھا..قورقۇپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ..
_ سىز نېمە قىلماقچى؟ ئايالىم سىرتقا چىقىپ كەتكەندە بۇنداق قىلسىڭىز قاملىشامدۇ؟
يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. ئاغزىمدا قارشى تۇرىۋاتقان بولساممۇ يۈرىكىمدە يەنىلا خوشال ئىدىم.
_ سىزگە قانداقلا قارىسام بۇرۇن تونۇيدىغاندەك، مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغاندەكلا بىلىنىدۇ..شۇڭا قولىڭىزنى تۇتۇپ باقتىم..يۈرىكىم سوقىۋاتىدۇ..سىز بۇرۇن مېنى تونامتىڭىز؟
_ ياق، سىز مېنىڭ ئاغىنەمنىڭ قىز دوستى، ئايالىمنىڭ يېقىن دوستى..بىز بۇرۇن ھەتتا پاراڭلىشىپمۇ باقمىغان،_ ئالدىراپ تۇرۇپ ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم. كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ تىترەشكە باشلىدىم. بۇ ھالەتنىڭ ھاياجاندىن ياكى قورقۇنۇچتىن بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم.
يۈرىكىم بايىقىدىنمۇ تېز سوقۇشقا باشلىدى.
"دېمەك ئۇ مېنى قايتىدىن ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئەمدى قانداق قىلارمەن.."
ئۆزۈمنى بىر ئاز ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ يېنىغا چىقتىم. ئۇ قولى بىلەن چېچىنى ئوڭشاۋاتاتتى، بۇ ھالىتى راستىنلا گۈزەل ئىدى، ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشاتتىم، لېكىن كۆزۈم يەنىلا ئۇ تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.
_ ۋوي، چازام پەسكە چۈشۈپ كەتتى، خاپا بولماي ئەپ بېرەمسىز؟_ دېدى ئۇ ماڭا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ.
ئامالسىز ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. يەردىكى چازىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئۇ چازىنى ئالغاچ قولۇمنى تۇتتى.
_ رەھمەت سىزگە، سىز بەكلا كۆيۈمچان يىگىتكەنسىز..
قولۇمنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالدىم.
_ ئۇنداق قىلماڭ، بۇ ھالىتىڭىز مېنى سەل ئەنسىرىتىۋاتىدۇ..سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز مېنىڭ ئايالىم بار، سىز بىزنىڭكىدە كېسەل داۋالاش ئۈچۈن تۇرىۋاتىسىز..بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ..
_ ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز؟_ دېدى ئۇ كۆزۈمگە قاراپ. بۇ كۆزلەر مېنى مەست قىلىۋاتاتتى. لېكىن ئۆزۈمنى زورىغا تۇتىۋالدىم.
_ ئۇ مېنىڭ ئايالىم..بۇنداق سۇئالنى ئەمدى سورىماڭ..
_ كەسكىن جاۋاب بېرەلمىدىڭىز، دېمەك ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز.. مەن قانداقلا قارىسام سىز بىلەن مېنىڭ ھېكايەم باردەك بىلىنىدۇ..ياكى بىز بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەنمۇ؟
_ مەن سىزگە ياق دەپ ئېنىق دېدىم..بىز بۇرۇن تونۇشمايتتۇق..سىز ئايالىمنىڭ دوستى خالاس.. ئوغۇل دوستىڭىز سىزنى دەپ ھەركۈنى كۈچەپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سىز بىلەن توي قىلغۇسى بار، ئايالىممۇ سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى ساقايتىش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ..بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ..
_ ئۇلار راستىلا مېنىڭ يېقىنلىرىممۇ، نېمىشقا ئۇلارغا قارىسام يۈرىكىم ئېرىمەيدۇ، لېكىن سىزگە قارىساملا يۈرىكىم ئېرىپ كېتىدۇ..
ئۇنىڭ ھەربىر سۆزى مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېرىتىۋاتاتتى. لېكىن قېيىن ئاكامغا بەرگەن ۋەدەم، خىزمەتدىشىمنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن چىدىشىم كېرەك ئىدى.
_ بۇ خاتا تۇيغۇ..ئۇلار سىزنىڭ ھەقىقىي يېقىنلىرىڭىز، ئۇلارنى قايرىپ قويۇپ مەندەك ئايالى بار ئەرگە يېقىنلاشسىڭىز بولمايدۇ..سىز خاتىرىڭىز بىلەن ۋىجدانىڭىزنى قوشۇپ يوقىتىپ قويغاندەك قىلىسىز..
ئورنۇمدىن تۇرۇشۇم بىلەن ئايالىم ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى.
_ بۇ گاز كارتىسىغا پۇل قاچىلاش نېمانداق قىيىن، سېستىما توختاپ كەتتى دەپ خېلى يىراققا بېرىپ قاچىلاپ كەلدىم دېسە.._ ئۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.
_ ھە، بۇندىن كېيىن كارتىنى ماڭا بېرىڭ، مەنلا قاچىلاپ كېلەي..
_ سائەتكە قارىماپتىمەن، بىلگەن بولسام سىزگە بېرىپ قوياتتىم..
ئايالىم گاز كارتىسىنى گاز سائىتىگە سالماقچى بولۇپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى سائەتكە ئۇنىڭ بويى يەتمەيتتى. ئاستاغىنە ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
_ ئەكېلىڭ مەن سەپ بېرەي، بۇنداق ئىشلارنى سىز قىلماڭ..
كارتىنى سېلىپ سائەتنى قوزغاتقاندىن كېيىن كارتىنى ئايالىمنىڭ قولىغا بەردىم. خىيالىمدا ئۇنى خوشال بولدى دەپ ئويلاۋاتاتتىم. بۇرۇن بۇنداق كىچىك ئىشلار ئايالىمنى تەسىرلەندۈرەتتى، لېكىن بۈگۈن ئۇ چىرايىمغا قاراپمۇ قويماستىن ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.
تۇيۇقسىز يانڧونۇم سايرىدى. بۇرۇنقى مودىل قىز دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۈچ ئايال ئارىسىدا قىينىلىۋاتاتتىم.
95 -قىسىم